Uyghur主要词典
خايدۇك ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسرنىڭ باشلىرى بۇلغارىيە خەلقنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرىشى. 18 - ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇلغارىيە خەلقى تاغ ئارىسىدا تەشكىللەنگەن قوراللىق قوشۇن خايدوك دەپ ئاتالغان. بۇ قوشۇنغا دېھقانلار، سودىگەرلەر ۋە ھۈنەرۋەن - كاسىپلار قاتناشقان. خايدۇك تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيە فېئوداللىرىغا زەربە بېرىپ، خەلقنى قوغدىغان. مەشھۇر قوماندانلاردىن ستراخىل، كاراتاناس قاتارلىقلار ۋە ئايال قوماندان سىرما قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان. خەلق خايدۇكنى ئۆزلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارىغان. ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بەزى خەلق ناخشىلىرىدا ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى مەدھىيلىگەن.