Uyghur主要词典
خوخېنزوللېرن جەمەتى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمران جەمەت. تەخمىنەن Ⅹ ئەسىردە شۋابىيە كىنەزلىكىنىڭ بۇرخادىنگېر دېگەن يېرىدىكى خوخېنزوللېرن بۇرگدا بارلىققا كەلگەن. تەخمىنەن 1100-يىلى زوللېرن گرافى بولغان. 1191-يىلى فرېدرىخ Ⅲ مۇقەددەس رىم ئىمپرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅵ بىلەن قۇدا بولۇشۇپ نيۇرنبېرگ گرافى خوجىلىق ييېرىگە ئىگە بولۇپ، فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتالغان. 1227-يىلى فرېدرىخ Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن: ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى كونراد Ⅲ نيۇرنبېرگ گراف خوجىلىق يېرىگە ئىگە بولۇپ، فرانكونىيە تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەن؛ ئىككىنچى ئوغلى فرېدرىخ Ⅳ زوللېرن گراف خوجىلىق يېرىگە ئىگە بولۇپ، شۋابىيە تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەن. 1415-يىلى فرانكونىيە تارمىقىدىكى نيۇرنبېرگ گرافى فرېدرىخ Ⅵ براندېنبۇرگ خوجىلىق يېرىگە ئىگە بولۇپ، كورۇل سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بەگلىك بولۇپ، خوخېنزوللېرن پادىشاھلىقىنى قۇرغان ھەم فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتالغان. 1486-يىلى ئالبېرت Ⅲ ئۆلگەندىن كېيىن يەنە براندېنبۇرگ تارمىقى ۋە فرانكونىيە تارمىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئالدىنقىسى پادىشاھ سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بەگلىك براندېنبۇرگ دېگەن نامنى ساقلاپ قالغان؛ كېيىنكىسى پرۇسسىيە كىنەزلىكىگە ئىگە بولغان. 1618-يىلى براندېنبۇرگ - پرۇسسىيە كىنەلزىكى تەشكىل قىلىنغان. 1701-يىلى فرېدرىخ Ⅲ پرۇسسىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزىنى فرېدرىخ Ⅰ دەپ ئاتىغان. 1871-يىلى ۋىلھېلم Ⅰ پادىشاھلىق ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىپش ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گرمانىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1918-يىلى گېرمانىيىدىكى نويابر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن خوخېنزوللېرن پادىشاھلىقىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇۇرپ تاشلانغان. شۋابىيە تارمىقى 1576-يىلى يەنە خوخېنزوللېرن - ھېچىنگېن تارمىقى بىلەن خوخېنزوللېرن - سىمگارىنگېن تارمىقى بولۇپ بۆلۈنگەن. كېيىنكىسى 1866 - 1947 - يىللىرى رومىنىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.