Uyghur主要词典
خوخەنزە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاۋۇل ۋە قەيسەر ئەر كىشى.
«خوخەنزە» خەنزۇچە: 好汉子
ئەردىن ئەرگە نەپ. ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم پاتىدۇ. ئەل بار يەردە ئەر بار. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. ئەزىمەت ئەمگەك ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ. ئەزىمەتنىڭ سۆزى _ پولاتنىڭ ئۆزى. ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرىدۇ. يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن. تۇتۇنسىز ئوت يوق، نۇقسانسىز يىگىت. يامۇلنىڭ ياغاچلىرى ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلدىن قېچىپ چىققان سادىر ئۆزى خوخەنزە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
جان ت. باتۇر ۋە قەيسەر ئەر، يىگىت؛ ئوغۇل بالىنىڭ بالىسى.
يامۇلنىڭ ياغاچلارى، ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلنى تېشىپ چىققان، سادىر ئۆزى خوخەنزە.