Uyghur主要词典
خوراتىئۇس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 865)قەدىمكى رىملىق شائىر جەنوبى ئىتالىيىدىكى ئاپۇلىيىنىڭ ۋېنۇسىيە دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى قۇيۇپ بېرىلگەن قۇل بولۇپ خوراتىئۇسنى ئاۋۋال رىمغا كېيىن ئافىناغا ئەۋەتىپ ئوقۇتقان، ئۇ ئافىنادا سىتوئاچىلار ۋە ئېپىكۇرچىلار پەلسەپىسى بىلەن ئۇچراشقان بۇ چاغدا رىمدا «ئىچكى ئۇرۇش» بولۇپ جۇمھۇرىيەتچىلەر(برۇتۇ،كاسسىئو باشچىلىقىدىكى)تەرەپكە قوشۇلۇپ،بىر قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان؛ فىلىپپى(گىرىتسىيىدە)جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن(مىلادىدىن ئىلگىرى 42)رىمغا قايتىپ،قىيىن شارائىتقا چۈشۈپ قالغان كۆچۈرمىچى بولغان ھەمدە شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن ۋېرگىل بىلەن تونۇشۇپ مائېسېناس ئەدىبىيات سەنئەت تەشكىلاتى بىلەن يېقىنلاشقانلىقتىن سابىن كەنتىدە بىر قورۇققا ئىگە بولغان؛شۇنداقلا ئوكتائۇس(ئاۋگۇستۇس)نىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇپ ئوردىدىكى شائىرلار قاتارىغا قوشۇلغان.ئۇ ھەجۋىي شېئىر ۋە لىرىك شېئىريېزىش بىلەن داڭق چىقارغان.ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدىن جۇمھۇرىيەتچىلىك غايىسى بىلىنىپ تۇرىدۇ."قەسىدە"(تۆت توم) ئۇنىڭ ئەسىرى بولۇپ ئالدىنقى ئۈچ تومى مىلادىدىن 23 يىل ئىلگىرى،4-تومى مىلادىدىن 13 يىل ئىلگىرى پۈتتۈرۈلگەن؛ئاھاڭغا سېىپ ئېيتىشىقابولىدىغان لىرىك شېئىرلىرىدا مۇھاببەت ۋە دوسلۇق كۈيلەنگەن،ئوكتائۇسنىڭ شان شەرىپى ۋە رىم دۆلىتىنىڭ بۈيۈكلىكى مەدھىيلەنگەن،خوراتىئۇسنىڭ شېئىر تالانتى كېيىنكى زاماندىكىلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن.لېكىن ئۇ ئاخىر خان خوجىلارنىڭ قولتىقىغا كىرىپ كېتىشتىن خالى بولالمىغان. ئۆمىرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قېرىندىشى پىسوغا بىر پارچە ئۇزۇن شېئىرى خەت يېزىپ شېئىر ئېتىكا،تىياتىر، ۋە ئەدىبىيات ئىجادىيىتى مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلغان كېيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر بۇ خەتنى <شېئىر سەنئىتى> دەپ ئاتاشقان