Uyghur主要词典
خەن ئىمپېرىيىسى
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
چىن سۇلالىسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ليۇ باڭ بىلەن شياڭ يۈي ھاكىمىيەت تالىشىپ، تۆت يىلغا سوزۇلغان «چۇ - خەن ئۇرۇشى» نى ئېلىپ باردى. ليۇ باڭ شياۋ خې، جاڭ لياڭ، خەن شىن قاتارلىق سىياسىئون، ھەربىي ئالىملارنى ئىشقا قويۇپ، ئۆزىدىن زور دەرىجىدە كۈچلۈك «غەربىي چۇ ھاكىمبېگى» شياڭ يۈينى مەغلۇپ قىلدى، ئاخىردا خىل قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق شياڭ يۈينى گەيشيا (ھازىرقى ئەنخۇيدىكى لىڭبى ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دا قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالدى. مانا بۇ مەشھۇر «گەيشيا مۇھاسىرىسى» ئىدى. شياڭ يۈي ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ۋۇجياڭ (ھازىرقى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالى) غا قېچىپ بارغاندىن كېيىن ئۆلۈۋالدى.
غەربىي خەن سۇلالىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى206 - يىلى قۇرۇلۇپ، چاڭئەن (ھازىرقى شەنشىدىكى شىئەن) نى پايتەخت قىلدى، بۇ ھاكىمىيەت «ئالدىنقى خەن سۇلالىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ سۇلالىدە جەمئىي12 پادىشاھ دەۋر سۈرۈپ، چۇشىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە8 - يىلى) غا كەلگەندە يىمىرىلدى، جەمئىي214 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى شەرقىي جەنۇبتا دېڭىزغا، غەربىي شىمالدا بالقاش كۆلى، پامىر(كۆكئارت) غىچە، غەربىي جەنۇبتا ھازىرقى يۈننەن، گۇاڭشى، ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە، شىمالدا چوڭ قۇملۇققىچە، شەرقىي شىمالدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە كېڭەيگەنىدى.
غەربىي خەن سۇلالىسى ئاساسىي جەھەتتىن چىن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا «خەلقنى ھاللاندۇرۇش» سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلدى. خەن گاۋزۇدىن كېيىن، خەن ۋېندى بىلەن خەن جىڭدىنىڭ سىياسىي تۆھپىسى ناھايىتى زور بولۇپ، «ۋېندى، جىڭدى يىللىرىدىكى ئادىل سىياسەت» دەۋرى بارلىققا كەلدى. خەن ۋۇدى يەنە تەدبىر قوللىنىپ پادىشاھلىق ھوقۇقى ۋە ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پۇل قۇيۇش ھوقۇقىنى مەركەزگە ئۆتكۈزۈۋالدى، تۇز، تۆمۈرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئاشۇردى.
غەربىي خەن سۇلالىسى سىياسىي جەھەتتە چىن سۇلالىسىنىڭ ۋىلايەت، ناھىيە تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بىر قىسىم تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا ھەرقايسى جايلارنىڭ بەگلىكىنى سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. كېيىن ليۇ باڭ ھەر خىل جىنايى بەتناملار بىلەن بۇ بەگلىكلەرنى پەيدىنپەي بىكار قىلىپ، پەقەت ليۇ فامىلىلىكلەرگىلا بەگلىك مەرتىۋىسى بەردى. ۋېندى، جىڭدى زامانىسىدا، ليۇ فامىلىك سۇيۇرغال بەگلەر بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلەشتى، ۋۇ، چۇ قاتارلىق يەتتە بەگلىك ئىسيان كۆتۈردى.
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، ھونلار دائىم شىمالدىكى چېگرىلارغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك سالاتتى. خەن ۋۇدى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ھونلارغا كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما زەربە بەردى، خۇ چۈيبىڭ، ۋېي چىڭ قاتارلىق سەركەردىلەر قوشۇن باشلاپ قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ھونلارنىڭ خان ئوردىسىغىچە ئىچكىرىلەپ كىردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھونلارنىڭ تەھدىتى تۈگىتىلدى. خەن ۋۇدى يەنە جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماي، يىپەك يولىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرى، ساپال، فار - فۇر ۋە لاكلانغان ساپال بۇيۇم قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئۈزۈلمەستىن غەربكە توشۇلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىندى، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇلدى.
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەينى چاغدا، «ئالماشتۇرۇپ تېرىش، بۆلەكلەرگە ئايرىپ تېرىش، ئوغۇتلاپ تېرىش» قاتارلىق ئىلغار دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى قوللىنىلدى، ھۆكۈمەتمۇ سۇ ئىنشائات ئىشلىرىغا خېلى ئەھمىيەت بەردى. كانچىلىق ۋە مەدەن تاۋلاش قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ تەرەققىي قىلىپ، تۆمۈر بۇيۇملار زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، برونزا بۇيۇملارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلاندى. ئەينى چاغدا كىشىلەر گۈللۈك يىپەك بۇيۇملارنى توقۇيالايدىغان، نەپىس سىرلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغانىدى.
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش يۈز بەردى. چوڭ پومېشچىكلار، چوڭ بيۇروكراتلار جېنىنىڭ بارىچە يەرلەرنى قوشۇۋېلىپ، نۇرغۇن دېھقانلارنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتتى. پادىشاھ ۋە بيۇروكراتلار يەنىلا ھۇزۇر - ھالاۋەتكە بېرىلدى، ئىجتىمائىي زىددىيەت كەسكىنلەشتى. چۇشىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە8 - يىلى)، ھەرەمئاغىسى ۋاڭ ماڭ (خەن يۈەندىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك خانىشنىڭ جىيەنى) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ پادىشاھ بولۇپ، يېڭى خانىدانلىق قۇردى. مىلادىيە23 - يىلى قىزىل قاشلىقلار، لۇلىنلىقلار قاتارلىق دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسىدە ۋاڭ ماڭ ئۆلتۈرۈلدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ليۇ شيۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىنى قۇردى.
جۇڭگودا ئۆتكەن سۇلالىلەر
مىلادىيە23 - يىلى ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتى420 مىڭ كىشىلىك زور لەشكەر توپلاپ، نامدا مىليون كىشىلىك لەشكەر دەپ ئاتاپ، لۇلىنلىقلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەيۋەت بىلەن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، كۇنياڭ (ھازىرقى خېنەننىڭ يېشيەن ناھىيىسى) نى سۇمۇ ئۆتمەيدىغان دەرىجىدە قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالدى. شەھەرنى پەقەت لۇلىن قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ8 -9 مىڭ كىشىلىك سەركەردە - لەشكەرلىرىلا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ياش سەركەردە ليۇ شيۇ12 ئادەمنى باشلاپ كېچە قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ، ياردەمچى لەشكەر باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى قوغداۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن قىستاپ زەربە بېرىپ، ۋاڭ ماڭنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. مانا بۇ مەشھۇر «كۇنياڭ جېڭى» ئىدى. جەڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتى يوقىتىلدى.
ليۇ شيۇ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن، ئۇ لۇلىنلىقلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ زوراۋان پومېشچىكلار كۈچىنى توپلاپ، مىلادىيە25 - يىلى ليۇ جەمەتىنىڭ خەن سۇلالىسىنى قايتىدىن قۇردى. بۇ سۇلالە لوياڭنى پايتەخت قىلغاچقا، «شەرقىي خەن سۇلالىسى»، يەنە «كېيىنكى خەن سۇلالىسى» دەپ ئاتالدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىدە جەمئىي13 پادىشاھ196 يىل سەلتەنەت سۈردى، مىلادىيە220 - يىلى مۇنقەرز بولدى.
شەرقىي خەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان كۆپلىگەن تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئەسلىدىكى پادىشاھقا ۋاكالىتەن كاتىبات ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مىرزىبەگ ۋازارىتى سىياسىي پەرمانلارنى باشقۇرىدىغان ئورگانغا كېڭەيتىلىپ، پادىشاھنىڭ ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىشى كۈچەيتىلدى. تۆھپىكار ئەمەلدارلارغا مول تەمىنات بېرىلدى، بىراق ئەمەلىي ھوقۇق بېرىلمىدى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. يەرلىكتىكى ئەسكىرىي كۈچلەر ئازايتىلىپ، مەركەزنىڭ قوشۇنىنى كېڭەيتىش نەتىجىسىدە، مەركەزنىڭ يەرلىكنى كونترول قىلىشى كۈچەيتىلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە، قۇل - دېدەكلەرنى ئازاد قىلىش، باج - سېلىقنى كېمەيتىش، مالىيە چىقىمىنى ئازايتىش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، بوز يەر ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى. تۆمۈر تاۋلاش، پولات تاۋلاش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغاچقا، تۆمۈردىن ياسالغان دېھقانچىلىق سايمانلىرى ياخشىلاندى ۋە ئومۇملاشتى. كالا بىلەن يەر ئاغدۇرۇش تېخىمۇ ئومۇملاشتى. بۇ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى، جەمئىيەت بىرقەدەر مۇقىم بولدى. مىللەتلەر مۇناسىۋىتى جەھەتتە، بەن چاۋنىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچى بولۇپ بېرىشى ئارقىلىق، شەرقىي خەن سۇلالىسى ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقانلىرى ھاكىمىيەتكە ئارىلاشتى، ھەرەمئاغىلىرى ھاكىممۇتلەقلىق قىلدى.4 - ئەۋلاد پادىشاھ خەن خېدىدىن باشلاپ پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقانلىرى باشچىلىقىدىكى بيۇروكراتلار گۇرۇھى بىلەن ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن سىياسىي كۈرەش پارتلىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە، ھاكىمىيەت ھەرەمئاغىلىرى گۇرۇھىنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈپ، ھاكىمىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى. بىر قىسىم ھەققانىي بيۇروكراتلار بىلەن خانلىق بىلىم يۇرتىنىڭ موللىلىرىمۇ ھەرەمئاغىلىرىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قاينىمىغا كىرىپ قالدى، ئۇلار «پىرقىۋازلار» دەپ ئاتىلىپ، ھەرەمئاغىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىندى، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلدى، بەزىلىرى تەقىب قىلىندى، بەزىلىرى ئۆمۈرۋايەت ئەمەلدار بولالماي «پىرقىۋازلار ئاپىتى» يۈز بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ليۇ شيۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن سۇيۇرغاللىققا ئېرىشكەن زوراۋان پومېشچىكلارنىڭ كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ سۇيۇرغال يەرلىرىدە زوراۋانلىق قىلىپ، يەرلەرنى غالجىرلارچە يۇتۇۋېلىشقا باشلىدى، نۇرغۇن دېھقانلار ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ، زوراۋان پومېشچىكلارنىڭ قۇلى ۋە ئىشلەمچىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، چوڭ پومېشچىكلارنىڭ قورۇقلىرىدا دەھشەتلىك زۇلۇمغا ئۇچرىدى.
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىجتىمائىي زىددىيەت چوڭقۇرلاشقاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاقتىن بۇيان غەربتىكى چاڭلارغا ھۇجۇم قىلىنغاچقا، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتى تېخىمۇ ئېغىر داۋالغۇپ، كىچىك كۆلەمدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، ئاخىر مىلادىيە184 - يىلىغا كەلگەندە كەڭ كۆلەملىك سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى پارتلىدى. دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ زەربىسىدە، شەرقىي خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئىسمى بار، جىسمى يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، كەينىدىنلا مىلىتارىستلار بۆلۈنمە كۈچلىرىنىڭ ئۆزئارا قالايمىقان ئۇرۇشلىرى باش كۆتۈردى.
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى خەن شيەندى مىلىتارىست ساۋ ساۋنىڭ قولىدىكى قورچاققا ئايلىنىپ قالدى. مىلادىيە220 - يىلىغا كەلگەندە، ساۋ ساۋنىڭ ئوغلى ساۋ جى شەرقىي خەن ئىمپېرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ ۋېي پادىشاھلىقىنى قۇردى.