Uyghur主要词典
خەنجەرۋاز رىتسارلار پولكى
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيىنىڭ دىنىي خاراكتېردىكى فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلاتى بولۇپ، 1202-يىلى رىم پاپاسى ئىننوسېن Ⅲ نىڭ قوللىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان. رىتسارلارنىڭ ئاق رەڭلىك پىلاشلىرىنىڭ ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك قىلىچ ۋە كرىست بەلگىسى سىزىلغانلىى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش نامى بىلەن بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى لىۋۇنىيە رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ يەرلەرنى بېسىۋالغان، يەرلىك خەلقنى قۇل قىلغان. 1234-يىلى نوۋگورود ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 1236-يىلى سائۇلى (يەنى ھازىرقى لىتۋا تەۋەسىدە) جېڭىدە لىتۋالىقلار تەرىپىدىن يەنە مەغلۇپ قىلىنغان. 1237-يىلى قالدۇق قىسىملىرى تېۇتون رىتسارلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، لىۋۇنىيە رىتسارلار پولكى دەپ ئاتالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。