Uyghur主要词典
خەنجەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىككى تەرىپى بىسلىق پىچاق، خەنجەر:
بۇ شەرت ئىلە خەنجەرنى ئالدى پەرى،
قىلىپ ئەھد پەيمان ئاڭا دىلبەرى.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇچلۇق، ئىككى بىسلىق، سانجىپ ئىشلىتىلىدىغان قورال، تىغ.
خەنجەر _ قىسقا ساپلىق، يانغا ئېسىۋېلىشقا ئەپلىك.
نەيزە _ ئۇزۇن ساپلىق، قولدا كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە لايىق.
نەشتەر _ قىسقا بولىدۇ.
قانئالغۇ _ نەشتەرگە ئوخشايدۇ، مىللىي تىبابەت ئىنسىتىرومېنتى.
قەلەم سوققان خەنجەر سوقماس. نەيزىنىڭ ئورنى جەڭگاھ. باشقىلارغا كۆتۈرمە نەيزە ئەسلا، ھەسەل بەرمىسەڭمۇ نەشتەر سانجىما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىككى بىسلىق، ئۇرۇش قورالى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر خىل چوڭ پىچاق.