Uyghur主要词典
خاتىرە كۈنىدىكى قىرغىنچىلىق
دۇنيا تارىخى
جەڭدە قۇربان بولغان كوماندىر - جەڭچىلەرنى خاتىرىلەش كۈنىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئىش تاشلىغۇچى ئىشچىلارنى باستۇرۇش قانلىق ۋەقەسى. 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى چىكاگودىكى جۇمھۇرىيەت پولات - تۆمۈر شىركىتى ئىشچىلىرى ئىش تاشىغاندا، شىركەت دائىرىلىرى لۈكچەكلەرنى ياللىۋېلىپ ھەمدە ساقچىلارنى كۈشكۈرتۈپ، ئىش تاشلىغان ئىشىچلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇپ، 10 نەپەر ئىشچىنى ئۆلتۈرگەن، 80 نەپەردىن كۆپرەك كىشىنى يارىدار قىلغان. شۇ كۈنى دەل ئامېرىكىدا جەڭدە قۇربان بولغان كوماندىر - جەڭچىلەرنى خاتىرىلەش كۈنى بولغاچقا <اخاتىرە كۈنىدىكى قىرغىنچىلىلىق> دەپ ئاتالغان.