Uyghur主要词典
خاتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توغرا ئەمەس، ناتوغرا.
بىر خاتا ئون خاتادىن ساقلار. پازىلنىڭ خاتاسىنى يىغساڭ تاغدەك بولار. سەۋەن ئىش بىلنمەي قالماس. غەلەت كەپ غەلۋە چىقىرار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەس، مۇۋاپىق ئەمەس. خاتا يول
توغرا، دۇرۇس
ئەمەلىيەتكە، داۋلىغا، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن، مۇۋاپىق. توغرا يول
ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ناتوغرا ئىش بىلىنمەي قالماس. توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار. غەلىتە گەپ غەلۋە تۇغدۇرار.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قېتىم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ھەقىقەتكە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، ئاداشقان، يېڭىلىشقان، ئاساسسىز، ناتوغرا.
خاتا پىكىر. خاتا چۈشەنچە.
بۇ پالتىنى پادىشاھنىڭ قىزىدىن باشقا ئادەم بىلمەيدىكەن. شۇڭا نۇرغۇن ياشلار پالتىنى خاتا تاللاپ، ئۆز جېنىدىن ئايرىلغانىكەن.