Uyghur主要词典
خاتالىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناتوغرا، نالايىق ئىش _ ھەرىكەت.
خاتالىقنى ئىنكار قىلغىنىڭ _ قاتلاپ خاتا قىلغىنىڭ. ئۈزۈلمەيدىغان ئارقان يوق، تۈزەلمەيدىغان خاتالىق. خەقنىڭ سەۋەنلىكىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ سەۋەنلىكىنى تۈزەت. بالىنىڭ كەمچىلىكى ئاتا _ ئانىنىڭ كەمچىلىكى. كەمچىلىك مەندىن، كەچۈرۈش سەندىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خاتاغا ئائىت.
توغرىلىق
توغرىغا ئائىت.
توغرىلىققا چەك بار، پىتنىگە چەك يوق. بىر مىنۇتلۇق خاتالىق ئۆمۈر بويى ھەسرەتكە سالار. ئادەم ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى ئاز كۆرىدۇ. خەقنىڭ سەۋەنلىكىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ سەۋەنلىكىنى تۈزەت. ئادەم خاتالىقىنى بىلمەس، تۆگە غادايغىنىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توغرا بولمىغانلىق، ناتوغرىلىق، ئاداشقانلىق.
ئەقلىي بىلىش ئىشەنچىلىك بولمايدۇ دەپ ھېسابلانسا، بۇ تارىختىكى <تەجرىبىچىلىك> خاتالىقىنى تەكرارلىغانلىق بولىدۇ.
<مات> ئۆلچەنگەن سانلىق قىممەت ياكى باشقا تەقرىبىي قىممەت بىلەن ھەقىقىي قىممەتنىڭ پەرقى.
مەسىلەن: 1÷3 نىڭ ئورنىغا 0.33 ئېلىنسا، خاتالىق 1 ÷ 300 بولىدۇ.