Uyghur主要词典
خاتاسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. خاتاسى يوق، خاتا ئەمەس، توغرا.
خاتاسىز گەپ.
ھېسامىدىن تام سائىتىنىڭ خاتاسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.
رەۋ. خاتا كەتكۈزمەي، خاتاغا يول قويماي، توغرا.
سېنىڭ قورسىقىڭدا ئۇمىچىڭ بار، ئەترەتنىڭ بوغالتىرلىقىنى خاتاسىز ئىشلەپ كەلدىڭ، ئۆزۈڭنى بۇلغىمىدىڭ.
سۈپ. كۆچمە. گۇمان قىلغۇسىز دەرىجىدە، شۈبھىسىز، ئوچۇقتىن - ئوچۇق، ئېنىق.
خاتاسىز، بۇ ئىككىسى ئەسلىدە بىر ئادەم ئىدى.