Uyghur主要词典
خام سۈت ئەمگەن
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بېشىدىن ئاچچىق ساۋاق ئۆتمىگەن، كەمچىلىك، خاتالىق ۋە ھەر خىل نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس، تەجرىبىسىز، ساددا: - توختا، ئەركىنمۇ خام سۈت ئەمگەن ئادەمغۇ، «قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ - دېدى ئۇ ئايالىغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بېشىدىن ئاچچىق ساۋاق ئۆتمىگەن؛ كەمچىلىك، خاتالىق ۋە ھەرخىل نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس؛ تەجرىبىسىز، ساددا.
ئادەم خام سۈت ئەمگەن نەرسە. مەھەممەتنى بۇ ئىشنى قىلمىدى دېگىلى بولمايدۇ.