Uyghur主要词典
خام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ماتا، بۆز، شىشە.
خام سۇرۇپ.* خام توقۇماق.* خامدا خالتا تىكمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
پىشمىغان، پىشۇرۇلمىغان، توڭ. ئانتونىمى: پىششىق.
خام گۆش .* خام سەي.* خامسۇق.* خام _ خۇتا.* خام تالاش قىلماق.* خام سۈت ئەمگەن.8 خام ئالمىنى ئۈزمە، ئۆزى چۈشىدۇ كۈزدە ( ماقال ).* تونۇرغا كىرگەن نان خام چىقماس ( ماقال ).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پىشمىغان، پىشۇرۇلمىغان:
تەجرىبىسىز.
بىھۇدە، ئورۇنسىز، ئەمەلگە ئاشمايدىغان.
1. بىر كۆرسە ئانى مەجنۇن ھۇسنىگە بولۇر مەفتۇن،
لەيلىگە كۆيۈپ نېچۇن ئىشىق ئاشىنى خام ئەتتى؟
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خام، پىشمىغان؛ تەبىئىي؛ تەجرىبىسىز؛ سالما؛ قەلەم؛ كۆك قومۇش: خام خىيال - قىلىقسىز، بولمىغۇر؛ ئەتراپلىق ئويلانمىغان؛ قۇرۇق خىيال: خام پەخت - چالا پىشقان؛ خام دەست - چېنىقمىغان، پىشمىغان؛ يېڭىياچە. خام راي - ئاقىلانە بولمىغان، پىششىق ئويلانمىغان؛ بالىلارچە؛ خام سەر - دۆت، قاپاقباش، ئەخمەقلەرچە؛ خام سۇز - خام تېرە؛ چالا پىشقان؛ خام تەبىئ - دۆت، ئەخمەق؛ خام تەمەئ - ئاچكۆز، خام خىيال؛ خام ئەندىش - خام خىيالچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلمىغان، پىشمىغان.
چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. بالا خام بولسا، ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. كالا گۆشىنى چىكى يېيىش زىيانلىق. توڭ قوغۇن تەمسىز بولىدۇ. ئاشنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتار، كۆڭۈلنىڭ ئالىسى ئادەم ئۆلتۈرەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاختا يىپتىن يەرلىك ئۇسۇلدا، قولدا توقۇلغان رەخت.
پېتى يوق تاۋاردىن ماتا ياخشى. يۇرتقا كەلگەن بۆز ئەرزان، ئېغىزغا كەلگەن سۆز ئەرزان. ئۆزى كەلسە كەلسۇن، بۆز خالتىسى كەلمىسۇن. ناچار شىشىنى بويىماق تەس. خامنى بۇزغان شانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پىشمىغان؛ پىشۇرۇلمىغان ياكى چالا پىشقان، چالا پىشۇرۇلغان.
پىششىق
پىشقان ياكى پىشۇرۇلغان.
قوغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، يا پىششىقىنى قويماس، يا خەمىكىنى. چۆچۈرىنى خام ساناپتۇ. خام - خۇتا تاماق بەدەنگە زىيانلىق. سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى. بالا خام بولسا ياردىن يانىدۇ، ئاش خام بولسا گالدىن. ئۈرۈكنىڭ ئالىسى قورساق ئاغرىتىدۇ، ئاش ئالا بولسا، مېھمان ئاغرىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
قاينىتىلمىغان، پىشۇرۇلمىغان.
خام گۆش. خام سۈت. خام تۇخۇم.
ئوچاققا كىرگەن نان خام چىقماس (ماقال).
تەبىئىي ھالدا پىشىپ يېتىلمىگەن، پىشمىغان؛ غورا ھالىتىدىكى.
خام تاۋۇز.
خام ئورۇلغان بۇغداي.
قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن؛ پىششىقلاپ ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان؛ چالا.
خام يىپەك. خام ئەشيا. خام تېرە.
كۆچمە. تازا ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، رەتلەپ، يېزىپ چىقىلمىغان؛ قايتا ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان؛ چالا.
خام ئەسەر.
كۆچمە. ئەمەلىيەتتىن يىراق، ئەمەلگە ئاشمايدىغان، پىشمىغان.
خام خىيال.
كۆچمە. بىرەر نەرسىنى، ئىشنى، كەسپنى پىششىق ھەم تولۇق ئىگىلىمىگەن، مۇكەممەل ئەمەس، چولتا.
كەسپتە خام. ئىشتا خام.
كۆچمە. تەجرىبىسى يوق، بېشىدىن تېخى جىق ئىش ئۆتۈلمىگەن، ئىش كۆرمىگەن.
خام بالا. خام ئادەم.
كۆچمە. ئۆگەنگۈچىگە تېخى يات بولغان، ئۆگەنگۈچى تەرىپىدىن تېخى ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن (مائارىپ ھەققىدە).
خام سۆز. خام خەت.
كۆچمە. ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشى بويىچە سەل بوش، يۈزەكى.
خام چاغلىماق. خام ئويلىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پاختا يىپتىن توقۇلىدىغان، ئاق رەڭلىك، سىدام، بىر خىل يەرلىك رەخت؛ بۆز، ماتا.
ئۇ خاملىرىنى دېگىنىگە سېتىپ، خوتۇنىغا كەمچەت تۇماق، بالىلىرىغا كىيىم - كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، خۇرجۇننى تولدۇرۇپتۇ.