Uyghur主要词典
خام خىيال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورۇنسىز، ئىشقا ئاشمايدىغان ئوي _ پىكىر، ئارزۇ _ ئارمان، تەسەۋۋۇر.
خام خىيال ئىنسان بەختىگە ئولتۇرىدۇ. يوق خىيال يولدىن ئازدۇرار.
پسىخولوگىيە
بۇ ئىجادىي خىيالنىڭ بىر خىل ئالاھىدە فورمىسى بولۇپ، بۇنى شەخسىي ئارزۇ ياكى ئىجتىمائىي تەلەپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل خىيالنىڭ ئىجاد قىلغىنى كىشىلەر ئارزۇ قىلغان كېلەچەك شەيئىلەرنىڭ يېڭى ئوبرازىدىن ئىبارەت. خام خىيالنىڭ رېئال تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغىنى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىنتىلىش ئۈچۈن ئىلھام ۋە تۈرتكە بولىدۇ.