Uyghur主要词典
خاللىقلار دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
بۇ ناگور ياكى باتتاك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندىنوزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىگە خەت چېكىۋېلىش ئادىتى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. سىرىۋېجاياغا تەۋەبەگلىك ئىدى. پات - پات قوشنىسى سامۇندرا بىلەن ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان، جۇڭگو بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ، پات - پات ئەلچى ئەۋەتىپ، دوستانە مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرى جۇڭگو مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن دېڭىز ساياھەتچىسى جىڭخې بۇ دۆلەتكەبارغان.