Uyghur主要词典
خالۋاپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گىلەم توقۇيدىغان ئۇستا.
«خالۋاپ» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
خوتەندە گىلەمچى كۆپ، ھەر ئۆيدىن گىلەمچى تېپىلىدۇ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
گىلەمچى، گىلەم توقۇغۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گىلەم، تاغار، خۇرجۇن توقۇغۇچى ھۈنەرۋەن.
بۇ يۇرتتا، كىچىككىنە سەپەر خورجۇنىنى كۆتۈرۈپلا كەلگەن ئاتا - بالا خالۋاپلار ئۈچ - تۆت يىل ئۆتمەي خېلى ھاللىق ئائىلىلەردىن بولۇپ قالدى.