Uyghur主要词典
خالسبۇرگ فرونتى
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە فاشىستلىرى ۋە مىلتارىستىلىرىنىڭ ۋېيار جۇمھۇريىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش قەستىدە بولغان سىياسىي ئىتتىپاق. 1931-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، ناتسېستلار پارتىيىسى، گېرمانىيە مىللىي خەلق پارتىيىسى، پولات قالپاق تەشكىلاتى، پان گېرمان ئىتتىپاقى قاتارلىق ئەكسىيەتچى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار ھەمدە مونوپول كاپىتالىستلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىىسنىڭ ۋەكىللىرى خالسبۇرگتا يىغىلغان. گىتلېر بۇ يىغىنا قاتناشقان. ئاخىرى ناتسىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلەشكەن ۋە كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسى ئوڭ قانات قاتارلىق ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئەكسىيەتچى ئىتتىپاق، يەنى <خالسبۇرگ فرونتى> نى تەشكىللەپ، 15 ئايدىن كېيىن ئىچكى جەھەتتە فاشىستلىق دىكتاتۇرا ئورنىتىشنى پىلانلىغان.