Uyghur主要词典
ۋروبلېۋىسكى
دۇنيا تارىخى
(1836 - 1908) پولشالىق ئىنقىلابچى، 1871 - يىلقى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ گېنېرالى. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پولشا ئاقسۆڭەكلەر شۆيۈەنى ۋە پېتېربۇرگ ئورمانچىلىق شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. پولشادىكى 1863 - يىلقى چار پادىشاھقا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، يارىلانغاندىن كېيىن پارىژدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ، <پولشا مۇھاجىرلىرى دېموكراتىك ئىتتىپاقى> نىڭ رەھبىرى بولغان. ئىككىنچى ئىمپېرىيە گۇمران بولغاندىن كېيىن مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1871 - يىل 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن، پارىژ تاشقى سەپ مۇداپىئەسى ئىككىنچى ھەربىي رايونى (جەنۇبىي سەپ) نىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، كوممۇنىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن لوندوندا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان ۋە سىرتىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان؛ ماركس، ئېنگېلس ۋە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن زىچ ئالاقە قىلغان. 1872 - يىلى ئىنتېرناتسىئونال باش كومىتېتىغا سايلانغان ھەمدە پولشا ئاخبارات سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ھۆكۈمەتسىزلىككە قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان. 1880 - يىلقى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن، 1908 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كېسەلدىن ۋاپات بولغان.