Uyghur主要词典
ۋايىغا يەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوغۇل - قىزلار جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلمەك.
سەن بالاغەتكە يەتكۈچە، ئەقلىڭ كامالەتكە يەتسۇن. ئەر يەتكەن يىگىتتىن ھەزەر ئەيلە. بويىغا يەتكەن قىزدا ئوي تولا. ئوغلۇڭ ۋايىغا يەتسە، ئابرويۇڭ جايىغا يېتىدۇ. يېشىغا يەتكەننىڭ بېشىنى ئوڭلا. قىز رەسىدە بولسا، رەستىگە يۈگۈرىدۇ. بويىغا يەتكەن بوينىدىن بىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قۇرامىغا، بالاغەتكە يەتمەك، نۇقسانسىز ئۆسۈپ يېتىلمەك؛ كامال تاپماق، كامالەتكە يەتمەك: ئۇ ئىلىم ساھەسىدە ۋايىغا يەتكەن ئەرباب ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قۇرامىغا، بالاغەتكە توشماق.
- قىزىمىزمۇ ۋايىغا يېتىپ قالدى ئەمدى توي تەييارلىقى قىلمىساق بولماس، - دېدى بوۋاي.
كامالەتكە يەتمەك.
ئۇ ئىلىم ساھەسىدە ۋايىغا يەتكەن ئەرباب ئىدى.