Uyghur主要词典
ۋرىگىت
دۇنيا تارىخى
(1) ۋىلبۇر ۋرىگىت (1867 - 1912) ئامېرىكىلىق ئايروپىلان كەشىياتچىسى. ئىندىئانا شتاتىدا پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇچۇش قائىدىسى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆزى ياسىغان ئاددىي شامال غارىدا تەخمىنەن 1000 قېتىملاپ سىناق قىلىپ، 1899 - يىلى پلانېر ياساپ، ئىككىنچى يىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 1903 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى كىتىخوكدا ماتور بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان، كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇپ، تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 12 سېكۇنتتا 36 مېتىر ئۇچقان. ئەتىسى يەنە 59 سېكۇنتتا 260 مېتىر ئۇچقان. بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئاتموسفېرانى بويسۇندۇرالايدىغانلىقى دەلىللەنگەن. 1906 - يىلى ئامېرىكىدا پاتنېت ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە بېرىپ ئۇچۇش ئويۇنىنى كۆرسەتكەن. ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىسىدا، ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارى داۋاملىق ئۆسكەن. (2) ئورۋىللې ۋرىگىت (1871 - 1948) ئامېرىكىلىق ئايروپىلان كەشپىياتچىسى. ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. ۋىلبۇر ۋرىگىتنىڭ ئىنىسى. ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە ئايروپىلان ئىشلەشنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ شۆھرەت تاپقان، كىشىلەر ئۇلارنى <ئاكا - ئۇكا ۋرىگىتلار> دەپ ئاتاشقان. ئاكىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولغان.