Uyghur主要词典
ۋازوۋ
دۇنيا تارىخى
(1850 - 1921) بۇلغارىيە مائارىپ مىنىستىرى (1897 - 1899)، يازغۇچى، شائىر. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1875 - يىلى سوپوت شەھىرى يەرلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن رۇمىنىيىگە كۆچۈپ بېرىپ، بۇخارېست بۇلغارىيە مەركىزىي خەير ئېھسان جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بولغان. 1877 - 1878 - يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيە ئارمىيىسىدە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىم بولغان. كېيىن بېركوۋىتسا شەھىرىدە ئوبلاستلىق سوتنىڭ رەئىسى ۋە پلوۋدىۋ ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان. 1886 - يىلى 8 - ئايدا، تۈركىيىگە مۇھاجىر بولۇپ كېلىپ، كېيىن روسىيىگە بارغان. 1889 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن. ئەسەرلىرىدىن <بويۇنتۇرۇق ئىچىدە>، <قاچقۇن> دېگەن ھېكايىلىرى، <بايراق ۋە ساز> ۋە <بۇلغارىيىنىڭ قايغۇسى> دېگەن شېئىرلىرى ھەمدە <ئۇنتۇلغان كىشىلەر> دېگەن داستانى قاتارلىقلار بولۇپ، مىللىي ئازادلىق جەڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىشلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى مەدھىيلەنگەن.