Uyghur主要词典
ۋارىيانت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لاتىنچە varianis — ئالمىشىش سۆزىدىن
ئەسەرنىڭ بىر ئەسەر ( مەسىلەن: چۆچەك ياكى قوشاقلار ) نىڭ ۋارىيانتلىرى ھەر قايسى دەۋردە ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان خەلق ئىچىدە ئېيتىلىپ كەلگەن:
تەڭلىدىكى توقاچقا
سىيادان سېلىپ ياققان.
مەن ئاتامدىن كىچىك قېپ،
ئەل _ مەلە مېنى باققان.
دېگەن قوشاقنىڭ: « بېلىمدىكى توقاچقا، سىيادان قوشۇپ ياققان، مەن ئانامدىن ئايرىلىپ، پارتىيە مېنى باققان »، « مەن يېتىم، بىچارىنى، پارتىيە ئاتام باققان. » دېگەندەك ۋارىيانتلىرىمۇ بار.
يازغۇچى مۇشۇنداق ۋارىيانتلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئېسىل نۇسخىسىنى يۇغۇرۇپ چىقىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككىنچى بىر خىلى
خەلق قوشاقلىرىنىڭ ۋارىيانتى كۆپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
>تىل< ئەينى بىر فونېما بىرقانچە كونكرېت تاۋۇش ئېلىمېنتى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ بىر قانچە تاۋۇش ئېلېنمېنتى ئۆزئارا مەنە پەرقلەندۈرۈشمەيدۇ؛ مۇشۇنداق تاۋۇشلار فونېمىغا نىسبەتەن ۋارىيانت بولىدۇ.
بىر خىل نەرسىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى.