Uyghur主要词典
ۋارىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىراس ئالغۇچى، مىراسخر، ۋارىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىراس ئالغۇچى، مىراسخور؛ ئىز باسار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىراسقا ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى.
<مىراسخور> كۆپىنچە ئاتا مىراسىغا، ئاتىسىدىن قالغان مال - مۈلۈككە ئىگە بولغۇچىغا قارىتىلىدۇ.
مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ قانۇنىي ۋارىسلىرى بىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغدايمىز. قېرىنداشلار ئەپ ئىدى، مىراسخور بولغاندا جېدەل چىقاردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مىراسنى ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان شەخس، مىراسخور.
كۆچمە. ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئىزىنى باسقۇچى، ئىزباسار.
سەن ئەسلىدە ئابنۇس ئارىلىنىڭ ئىگىسى، شاھ ئامانۇسنىڭ ۋارىسى ئىدىڭ.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ۋارىسلىق قىلغۇچى، ئىزنى باسقۇچى.