Uyghur主要词典
ۋاژگۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دۈم، دۈم بولغان؛ تەتۈر؛ پەس، پەسكەش:
ئىشىق جامىن ئىچكەلى شامۇ سەھەر بىھۇش مەن،
ۋاژگۇن جامىم بىلە ئاشۇفتە دەستارىمغە باق.
گۇمنام.
بۇ نە تالېئدۇر، مۇسۇلمانلار، نە بەختۇ ۋاژگۇن،
ھىممەت ئەھلىن بەند ئېتىپ، دونلارنى ئازاد ئەيلەمىش.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تەتۈر، پەس؛ ئاغدۇرۇلغان. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: نېدىن لالە باغرى ئېرۇر بۇنچە خۇن، ئانى غەمكىن ئەتتى خەلەك ۋاجگۇن. (ئا. نىزارى)