Chinese→Uyghur主要词典
兔疫学
بىئولوگىيە
ئىممۇنولوگىيە
ئورگانىزمنىڭ ئانتىگېنىگە نىسبەتەن پەيدا قىلغان بارلىق پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە پرىنسىپلىرى، رولى ۋە ئىشلىتىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئانتېگىن يات ماددا (مەسىلەن، مىكروئورگانىزم ياكى ئۇنىڭ توكسىنى) بولۇشىمۇ، ئۆز بەدىنىدىكى قېرىغان ياكى توساتتىن ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىنىڭ تەركىبى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئىممۇنولوگىيە ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن ئەمەلىي قوللىنىلىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنى ھەر قايسى پەنلەر بويىچە بۆلگەندە، ئىممۇنىتېت بىئولوگىيىسى، ئىممۇنىتېت خىمىيىسى، ئىممۇنىتېت گېنېتىكىسى ۋە ئىممۇنىتېت پاتولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بويىچە بۆلگەندە، يۇقۇملىنىشقا قارشى ئۇممۇنىتېت، ئۆسمە ئىممۇنىتېتى، كۆچۈرۈش (ئورگانلار) ئىممۇنىتېتى، كۆپىيىش ئىممۇنىتېتى ۋە ئۆز ئىممۇنىتېتى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. 06 - يىللاردىن كېيىن يۇقىرىقى تارماق پەنلەر غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا ئىلىمىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى شەرھلەش ھەمدە تەتقىقات تېخنىكىسىنى يېڭىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.