Chinese→Uyghur主要词典
兔疫荧光技术
بىئولوگىيە
ئىممۇنىتېتلىق فلۇر ئورېسسېين تېخنىكىسى
بەزى ئورېسسېينلىق پىگېمنتلار (مەسىلەن، ئىزو سۇلفوسىئانىك كىسلاتا ۋە رودامىن قاتارلىقلار) ئانتىتېلا بىلەن بىرىكىپ فلۇرو ئورېسسېين بەلگىلىك ئانتىتېلا (قىسقارتىلىپ ئورېسسېينلىق ئانتىتېلا دەپ ئاتىلىدۇ) نى ھاسىل قىلىدۇ. ئورېسسېينلىق ئانتىتېلا ئانتىتېلانىڭ خاسلىقىغا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئانتىتېلا خاس ئانتىگېنى بىلەن بىرىكىۋېرىدۇ. ئورېسسېيىنلىق مىكروسكوپنىڭ ئاستىغا قويۇپ كۆزەتكەندە فلۇر ئورېسسېينلىق رېئاكسىيىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىممۇنىتېتلىق فلۇرو ئورېسسېين تېخنىكىسى بىۋاستە ئۇسۇل ۋە ۋاستىلىك ئۇسۇلدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلغا بۆلۈنىدۇ. بىۋاستە ئۇسۇلدا ئورېسسېينلىق ئانتىتېلا ئېرىتمىسى بىۋاستە ئانتىگېن ئەۋرىشكىسى ئۈستىگە تېمىتىلىدۇ، بۇ دائىم توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچكى ئانتىگېننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەتقىقاتىدا قوللىنىلىدۇ. ۋاستىلىك ئۇسۇلدا ئورېسسېينلىق ماددا ئانتىتېلاغا بەلگە قىلىنمايدۇ، بەلكى ئانتى ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىلىنىڭ ئانتىتېلاسى (يەنى ئانتى ئانتىتېلا) غا بەلگە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئانتىگېن بىرىكتۈرۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن فلۇ ئورېسسېينلىق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە يالتىراق نۇر، ئانتىگېن، ئانتىتېلا ۋە ئانتى ئانتىتېلانىڭ مۇرەككەپ بىرىكمىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئچىكى ئانتىگېنىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ۋە قان زەردابىدىكى كۆپ خىل ئۆز بەدەن ئانتىتېلالىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىدۇ.