Uyghur主要词典
تۇتقۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەسىر، بەند:
تەلەب قىلدى تۇتقۇننى مەجلىس ئارا،
كى سۈرگەي ئانىڭ بىرلە بىر ماجەرا.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى.
ئىچىڭدە پىنھان بولسا سىرىڭ، ئۇسېنىڭ ئەسىرىڭ، ئۆزۈڭ ئاڭا ئەسىرسەن قاچان قىلدىڭ ئاشكارا. ئىران 400 ئىراق ئەسىرىنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. مۇھەببەتكە تۇتقۇن بولساڭ، كۆز يېشىڭ قۇرۇماس. بىز ھەممىمىز تۇتقۇنلارمىز، پەقەت ئايرىملىرىمىزنىڭ قاماقخانىمىز دېرىزىلىك، ئايرىملىرىمىزنىڭ دېرىزىسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەپىسىگە ئېلىنغان كىشى.
سىياسىي مەھبۇسلار ئازاد قىلىنسۇن! دېگەن شۇئارلار، ئىسرائىلىيىدە نامايىشتا دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. لىۋان ئامېرىكىلىق تۇتقۇنلارنى بوشاتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قولغا چۈشۈپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان.
قاچقۇن، قاچاق
جازالىنىشتىن، تۇتقۇنلۇقتىن، تۇتۇلۇشتىن قاچقان.
قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغۇنغا ھۆرمەت. قاچاقتىن يول سورىما. مۇھەببەتكە تۇتقۇن بولساڭ، كۆز يېشىڭ قۇرۇماس. ئەسىرلەرنى خارلىماسلىق - سەككىز دىققەتنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تۇتۇلغان، قامالغان، ئۆز ئەركىدىن، ئىختىيارلىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان.
مەن ھازىر قەپەستىكى بىچارە تۇتقۇن قۇشلارغا ئوخشاپ قالدىم.
سۈپ. كۆچمە. بىرەر نەرسىگە ياكى كىشىگە بېرىلىپ كەتكەن، مەپتۇن بولغان، بەند قىلىنغان.
دانىيار دەرۋازىسىنى تىڭشىغانسېرى، غەزەلگە شۇنچىلىك بولماقتا تۇتقۇن. ھارغىنلىق ئېچىدىن چىققان تامامەن، ئېچىلغان كۆزلىرى چاچماقتا ئۇچقۇن.
ئى. قولغا ئېلىش، تۇتۇش، قاماش ئىشلىرى.
يۇنۇسنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ تۇتقۇن ئەمدى باشلانغۇدەكمىش.
ئى. سولاق، قاماق.
يېتىپ تۇتقۇندا، زىنداندا، كۆيۈپ، ئاتەشتە ھىجراندا، ۋەتەننىڭ قايغۇسى بىرلە، دىلى غەمخانىنى كۆردۈم.