Uyghur主要词典
تۇتقۇچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسۋاب - سايمانلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان يېرى.
سېپى ئۆزىدىن. پۇچۇق قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك. تۇتقۇدەك سېپى يوق، قىچارغۇدەك ئېتى. تۇخۇمغا تۇتقۇچ كەتمەيدۇ. سېۋەتنىڭ بېغى چىڭ بولسۇن. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. قۇلاقنى نەدىن چىقارسا قازانچىنىڭ ئىختىيارى. جولدىسى سۇنغان پالتا كېرەككە كەلمەيدۇ. پىچاق دەستىسىنى كېسەلمەيدۇ. يىتكەن پىچاقنىڭ دەستىسى ئالتۇن. چۆگۈننىڭ تۇتقۇسى قىزىپ كېتىپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇتقۇسىنى تۇت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنىڭ قول بىلەن سىقىمداپ تۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى، تۇتقا.