Uyghur主要词典
تۇتماچ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چۆپ.
تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىدىن بىرى. بۇ تاماق زۇلقەرنەين ۋاقتىدا پەيدا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق ئىكەن: زۇلقەرنەين قاراڭغۇلۇقتىن چىققاندا، ئەسكەرلىرىنىڭ ئوزۇقى تۈگەي دەپ قالغان. ئۇلار ئاچلىقتىن زۇلقەرنەينگە زارلىنىپ، «بىزنى ئاچ قويما» دېگەن مەنىدە « بىزنى تۇتما ئاچ» دەپ خىتاپ قىلغان ۋە «بىزنى قويۇۋەت، يۇرتلىرىمىزغا كېتەيلى» دېگەن. زۇلقەرنەين دانىشمەنلەر بىلەن كېڭىشىپ، ئاخىرى مۇشۇ تاماقنى تاپقان. بۇ تاماق بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىپ، يۈزنى قىزارتىدۇ ۋە قورساقتا ئۇزاق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى يەپ، شورپىسىنىمۇ ئىچىدۇ. تۈركلەر بۇ تاماقنى كۆرۈپ، ئۇنى « تۇتماچ» دەپ ئاتىغان. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى « تۇتماچ ئاچ» بولۇپ، ئىككى «ا _ ئېلىف» نىڭ بىر قىلىپ ئوقۇلۇشى نەتىجىسىدە «» بولۇپ قالغان. بۇنىڭ مەنىسى «ئۆزەڭنى ئاچ تۇتما، مۇشۇ تاماقنى قىلىپ يە» دېمەكتۇر.
1 - 590