Uyghur主要词典
تۇتاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر - بىرىگە ئۇلاشماق، ئۇلىشىپ كەتمەك؛ بىر - بىرىگە تېگىشىپ تۇرماق.
دۆڭلۈكنىڭ بىر تەرىپى دەريا قىرغىقىغا تۇتىشاتتى.
بىر - بىرىگە باغلانماق، ئالاقىدار بولماق، مۇناسىۋەتلىك بولماق.
يۇرت - جامائەتكە ئېنىق، ئەمما خېلى ئۇزاققا تۇتىشىدۇ.
بىر - بىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، جىپسىلىشىپ كەتمەك، يېپىشىپ تۇرماق.
چاڭ قونغان چاچلىرى تېقىملىرىغا، تاشلىنىپ تۇراتتى يېپىپ بېلىنى، ھەي، ئۆتتى قانچىلاپ باھار ئاچالماي، بەرگى چىڭ تۇتاشقان غۇنچە لېۋىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوت ئالماق، كۆيۈشكە باشلىماق، كۆيمەك.
ئوت تۇتاشماق.