Uyghur主要词典
تۇتاش
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۇتاشماق، تۇتۇشۇش، يانماق، كۆيمەك، ئوت ئالماق.
تۇتۇرۇق تۇتاشتى.* ئوت تۇتاشتى.* ئۆيگە ئوت تۇتاشتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۇتاشماق، تۇتۇشۇش. بىر _ بىرىگە ئۇلاشماق، تېگىشىپ تۇرماق.
يۇرتىمىزنىڭ شىمالىي چېگرىسى قازاقىستانغا، جەنۇپ تەرىپى قىرغىزىستان، تاجىكىستانلارغا تۇتاش.* تاشيوللار بىر _ بىرىگە تۇتاشتى.
سۇ ئاقار ئىز بېسىپ، ئۇلىنىپ تۇتاش،
دوستلارمۇ شۇنىڭدەك بىر _ بىرىگە يولداش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىر - بىرىگە ئۇلاشقان، تۇتىشىپ كەتكەن، ئۈزۈلۈپ قالمىغان.
ماھىرە مەكتەپنىڭ بىر چېتىگە تۇتاش قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر ئۆينى ياتاق قىلىۋالغانىدى.
يانمۇيان جايلاشقان، يانداش.
شۇ ھويلىغا يەنە بىر كىچىكرەك ھويلىغا سەپەرقۇللار جايلاشقانىدى.
بابباراۋەر، تەڭمۇتەڭ، ئوخشاش.
بىر تۇتاش تارقاتماق.