Uyghur主要词典
تۇتام
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <بىر تۇتام 64.8 سانتىمېترغا تەڭ> (<ئوكيانۇس> <تۈركچە> Ⅲ توم، 2233 - بەت) دېيىلگەن. <بابۇرنامە> دە: بىر تۇتام تۆت ئىلىك بولىدۇ، بىر قارى توققۇز تۇتام بولىدۇ< دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. نەرسىلەرنىڭ تۇتاملاپ ئايرىلغان بۆلىكى، سىقىم.
ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ناھايىتى پەس ئۆسكەن ئوت ئۇنىڭ تۇتامىغا چىقمىدى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ تۇتاملىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر تۇتام كۆك ئوسما.
سۈپ. كۆچمە. كىچىككىنە، ئاز، قىسقا.
>قىش كۈنى بىر تۇتام< دېگەندەك، سەھەر تۇرۇپ جىددىي ھەرىكەت قىلمىسا بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتەتتى.