Uyghur主要词典
تۇرمۇش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش يولى، ھايات ھالى، ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن جەريانى.
تۇرمۇش بىر جەڭ. ئويلاشمىغان تۇرمۇشنىڭ قەدىرى بولماس. تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن مەنىسى بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ھارماي _ تالماي ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتتا ھەممىنىڭ ئۆلچىمى بار. ھايات قارىغۇنىڭمۇ كۆزىنى ئاچار. ھايات ھەممىنى ئۆگىتەر، ئۆگەنمىسەڭ تۈگىتەر. ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ، قوپاللىق بۇزمىغاي سەبرۇقارارىڭ. مەئىشەت مول بولسا، خاتىرجەملىك بولىدۇ. تىرىكچىلىكتە تۈز يول يوق. تىرىكچىلىكنىڭ بەرىكىتى خوتۇن بىلەن. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. جان باقماق _ پەرز. جېنىڭنى جان ئەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنساننىڭ ياشاش، تەرەققىي قىلىش ۋە تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىلمۇخىل پائالىيىتى.
تۇرمۇش - بەختنىڭ بۆشۈكى، تۇرمۇش - بەختنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى.
ياشاش، تىرىكچىلىك قىلىشتا زۆرۈر بولغان كىيىم - كېچەك، ئوزۇق قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە ئېرىشىش ئەھۋالى؛ مەئىشەت.
ئىككى ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىشى راۋاجلىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى.
توي قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەر - خوتۇنلۇق.
تۇرمۇش قۇرماق. تۇرمۇشقا چىقماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تۇراقلىق، مۇستەھكەم، تۇرغۇن.