Uyghur主要词典
تۇرلاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەت - يېغى ئاز، مۇسكۇلى تولمىغان.
<ئىنجەج> ئىلى شېۋىسىدە، <قوتۇر> تۇرپان شېۋىسىدە، <ئىنجا>، <قىرتۇ> قومۇل شېۋىسىدە، <ئاۋۇغاي> لوپنۇر دىئالېكتدا، <شىداق> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<ئورۇق> ھايۋانغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، قالغانلىرى ئادەمگە قارىتىلغان.
ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق. ئورۇق كالىنىڭ تېزىكى يوغان. جۈدەڭ بوي چىرايلىق بولمىسىمۇ چىڭ بولىدۇ. يىڭنە يېگەن ئاۋاق. ئۇ شۇنداق ئاۋاقكى، پىچاق بىلەن قىرساڭمۇ، بىر ئوچۇم گۆش چىقمايدۇ. ئىنجىمارۇققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ياداڭ يايرايدۇ. ئىچى يامان ياداڭغۇ كېلىدۇ.
شىۋىلەر
كۇچار شىۋىسى
تۇرۇلغا (بەزى جايلاردا «تۇرلىغا» مۇ دېيىلىدۇ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئورۇقلاپ كەتكەن مال ياكى ھايۋان. ئادەم قېرىپ، ئورۇقلاپ، ئاجىزلىشىپ كەتسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
1 - 611