Uyghur主要词典
تۇرگو
دۇنيا تارىخى
(1727 - 1781) فرانسىيە ئىقتىسادشۇناسى، فىزئوكراتلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى. باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. روھانىي خىزمەت ئىشلىگەن. 1761 - 1774 - يىللىرى لىموژنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولغان، كېيىن دىدېرو باش تەھرىرلىكىدىكى <قامۇس> قا ماقالىلەر يېزىپ تۇرغان. 1774-يىلى مالىيە باش تەپتىشى بولۇپ، فىزىئوكراتىزملىق ئىسلاھات پروگراممىسىنى يولغا قويغان، بىراق قارشىلىققا ئۇچراپ، 1776-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. فرانسىۋا - ېنىينىڭ يېزا ئىگەىلىك ساپ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ئىگىلىك تارمىقى توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزەرىگە ۋارىسلىق قىلغان. فىزىئوكراتىزملىق تەلىماتىنى تېخىمۇ تولۇق شەرھلەپ بەرگەن، كېنىينىڭ ئۈچ سىىپ نەزەرىيىسىگە يەنە ئىشچىلار، كاپتىالىستلارغا ئايرىشنى قوشقان. ياللانما ئىشچى - <ئىككى بىلىكى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى> بولغاچىقىلا يېرىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمەەك كۈچى بازىرىدىكى رىقابەت ئىش ھەققىنى پەقەت ئەڭ تۆۋەن بولغان تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىگىلا ئىگە بولۇش دەرىجىسىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، ئاساسىي كاپىتالىست (يەر مۈلۈكدارلىرى) نى يەرنى ئەڭ دەسلەپ ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ۋاىسلىرى، قانۇن ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، شۇنىڭغا تايىنىپ يەر ئىجفرىسى يەنى يېزا ئىگىلىك ساپ مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، دەپ قارىغان؛ بۆلۈنۈپ چىققان كاپىتالىستلار (سانائەت، سودا ۋە قەرز پۇل كاپىتالستلار) تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىقتىن بارلىققا كەلگەن، ئۇلار ئېرىشىۋاتقان ئۆسۈم ئايرىلىپ چىققان پايدىسى - يېزا ئىگىلىك ساپ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت دەپ ھېسابلىغان. تۈرگو كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە، كېنىيغا قارىغاندا بىر قەدەم ئالغا ئىلگخرىلىگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى ئەسىرى <بايلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تاقسىمات توغرىسىدا تەكشۈرۈش> دىن ئىبارەت.