Uyghur主要词典
تۇر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئەتراپنى كۆزىتىش، كۆزەتكەن ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بىرەر دۆڭلۈككە ئېگىز قىلىپ ياسالغان جاي، تىم.
قۇمۇلغا بارىدىغان كونا يول بويىدا تۇرلار كۆپ ئىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۇرماق، تۇرۇش. 1. پۇتىغا تاينىپ ئۆرە ھالەتتە بولماق.
تىك تۇرماق.* ئۆرە تۇرماق.* ئورنىدىن تۇرماق.* تىز پۈكۈپ ياشىغۇچە، تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى ( ماقال ).
2. بىرەر جاينى ماكان تۇتۇپ ياشىماق. خالىقنىڭ ئىنىسى قەشقەردە تۇرىدۇ.* مەن ھازىر ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن.* تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى ( ماقال ).
3. ياتقان يەردىن قوپماق. بالدۇر يات، ئەتىگەن تۇر ( ماقال ).* سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق ( ماقال ).* ئەتىگەن تۇرغان ئەلدىن ئۇزار ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل
1. تۈس باغلامچىسى. بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
قارشى تۇرماق.* تەڭ تۇرماق.* تاقابىل تۇرماق.
2. « پ » لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنى ياكى ئالدىن بولۇشىنى بىلدۈرىدۇ.
سەن كېلىپ تۇر، مەنمۇ بېرىپ تۇراي،
سەن مېڭىپ تۇر، مەن ئارقاڭدىن باراي.
3. شۇ رەۋىشداشلار بىلدۈرگەن ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنچە بولۇشىنى بىلدۈرىدۇ. كىتابىڭنى بېرىپ تۇر، ئۇقۇپ باقاي.* ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ « ماقۇل » دېدى.* تۇرۇپ تۇرۇڭلار، ھازىر كېلىمەن.
4. « غىلى، قىلى، كىلى، گىلى » شەكىلدىكى رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش _ ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئابلىز ئانىسىنى كۆرۈپلا يىغلىغىلى تۇردى.* ياسىن مېنى كۆرۈپلا ھال ئېيتقىلى تۇردى.* سائەت تۆتلەردە مېھمانلار كەلگىلى تۇردى.* ئوقۇغۇچىلار دەرس تۈگىشى بىلەنلا ئۆيگە كەتكىلى تۇردى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇر تېغى. ئەرەبىستاندا.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تۇر - ئەتراپنى كۆزىتىش، خەۋەر (بەلگە) بېرىش ئۈچۈن توپا ۋە تاشلاردىن ياسالغان بىر خىل ئېگىز قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە <تىم>، <تۇرا>، <قارغۇي> (قاراخانىلار دەۋرىدە)، <پوتەي> (يېقىنقى زاماندا) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تارىختا فېئودال ھاكىمىيەتلەر ھەربىي ئېھتىياج، سودا، دېپلوماتىيە ۋە پوچتا ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق خەۋەرلىشىش ۋاستىرىلىرىدىن پايدىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى دەۋرلەردە مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مۇساپە ھېسابلانغان.
خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە <تۇر (تىم) لارنىڭ ئارىلىقى ئادەتتە 30 يول بولسا بولىدۇ، لېكىن 30 يول بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئارا كۆرۈنۈپ تورىدىغان بولۇشى لازىم> دەپ بەلگىلەنگە. موڭغۇللار دەۋرىدە تۇرلاردا مەخسۇس <ئۆتەڭ بېگى>، <باشقۇرغۇچى> دېگەن ئەمەلدارلار تەيىنلەنگەن. ھەر بىر تۇرنىڭ ئارىلىقى 10 چاقىرىمدىن 25 چاقىرىمغىچە بولۇش بەلگىلەنگەن (<جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى>). چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە شىنجاڭ رايونىدا يەر شەكلىگە قاراپ تەخمىنەن بىر چاقىرىمدىن تۆت چاقىرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا بىردىن تۇر ياسالغان. قەشقەردىن ئاقسۇغىچە بولغان 453 چاقىرىم يولغا 166 تۇر ياسالغان.
قەدىمكى دەۋرلەردە تۇرلاردا ئوت يېقىش ياكى ئىس قويۇش ئارقىلىق خەۋەر بېرىلگەن بولسا، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە زەمبىرەك ئېتىش ئارقىلىق خەۋەر بېرىلىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن <پوتەي> (زەمبىرەك سۇپىسى) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ئەينى چاغدىكى بەلگىلىمە بويىچە زەمبىرەكتىن بىر پاي ئوق ئېتىلسا 100 دۈشمەن، ئىككى پاي ئوق ئېتىلسا 500 دۈشمەن، ئۈچ پاي ئوق ئېتىلسا 1000 دۈشمەن، تۆت پاي ئوق ئېتىلسا 5000 دۈشمەن، بەش پاي ئوق ئېتىلسا 1000 دۈشمەن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باشقا جايلارنى كۆزىتىش، بەلگە بېرىش ئۈچۈن ياسالغان ئېگىز قۇرۇلما، قىيا دۆڭ.
ئۇلار پىچەن تۇردا ئۇچراشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
تۇرۇلغا قاتارلىق قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تۇرۇپ قال، ئۆز پېتى تۇر دېگەن مەنىدە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تۇراخۇن، تۇرەك، تۇراق، تۇرەم، تۇرام
بۇ، بىزچە <تۇرۇپ قالسۇن> ياكى <قاراۋۇل، قاراۋۇلخانا> دېگەن مەنەنى، ئەرەبچىدە <تاغ> مەنىسىنى بېرىدۇ