Uyghur主要词典
تۇدور ۋلادىمىرېسكۇ
دۇنيا تارىخى
(1780 - 1821) رومىنىيىدىكى ۋالاخىيە قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. ۋلادىمىردا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1806 - 1812 - يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە رومىنىيە پىدائىيلار قوشۇنىدا پودوپورۇچىك بولغان. 1814-يىلى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنى مەخپىي تەشكىللەپ، دوناي دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى كىنەزلىكلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە پائال ھازىرلىق قىلغان. 1821-يىلى ئولتېنىيەدە خەلق قوزغىلىڭى قوزغىغان ھەمدە <پدېس خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلىپ، ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇپش، پومېشچىك ۋە ئىبادەتخانىلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، پومېشچىكلارنىڭ ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىق قىلغان؛ ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلغان. قوزغىلاڭ تېزلىكتە مۇنتېنىيە ۋە مولداوۋاغىچە كېڭەيگەن. 3-ئايدا، قوشۇننى باشلاپ پايتەختكە كىرگەن. ئۇ ئارىسالدى بولۇپ ئا. ئىپوشلاند بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالغاچقا، رەھبەرلىك كۈچى ئاجىزلاشقان. 5-ئايدا، تۈركىيە ئارمىيىسى بۇخارېستقا قىستاپ كەلگەندە، قوشۇنىنى باشلاپ چېكىنىپ چىققان. يولدا شىتىلىيچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.