Uyghur主要词典
تۇدور سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىدىكى فېئوداللىق تۇغقىنى ھېنرى تۇدور قۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە فېئودال مۇستەبىتلىكنى يولغا قويغان، يۇلتۇزلۇق ساراي سوتنى تەسىس قىلىپ، ئۆزىگە بويسۇنمىغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەدەبىنى بەرگەن؛ زوراغالىق مەھكىمىسى قۇرۇپ، مەركىزىي ئاپپاراتنى كۈچەيتكەن؛ ئەنگلىيە دۆلەت دىنىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ قورالى قىلغان؛ پارلامېنتنىڭ پائالىيىىنى كېڭەيتىپ، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرگە پايدىلىق بولغان بەزى سىياسەتلەرنى يولغا قويغان، مەسىلەن، سودا- سانائەتنى ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى مۇكاپاتلىغان، سىرتقا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك ۋە دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوغدىغان، ئىسپانىيە بىلەن دېڭىز قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوغدىغان، ئىسپانىيە بىلەن دېڭىز زومىگەرلىكىنى تالاشقان، سەرگەردانلارنى باستۇرىدىغان قانلىق قانۇن ئېلان قىلغان ۋە باشقىلار. ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، كاپىتالىستىك چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىگەن، پورىتانلارنىڭ ھەرىكىتىنى باستۇرغان، فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى كۈچەپ قوغدىغان، شۇنىڭ بىلەن، كۈندىن كۈنگە زورىيىۋاتقان بۇرژۇئازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىنغان. بۇ سۇلالىنىڭ كورۇللىرى ۋە تەختتە تۇرغان يىللىرى مۇنداق: ھېنرى 7 (1485 - 1509)؛ ھېنرى 8 (1509 - 1547)؛ ئېدۋارد 6 (1547 - 1553)؛ مارى 1 (1553 - 1558)؛ ئېلىزاۋېتا 1 (1558 - 1603). 1603-يىلى ئېلىزاۋېتا Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن پادىشاھلىق ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ستوئارت سۇلالىسى ئالغان.