Uyghur主要词典
تۈركۈم گېنېتىكىسى
بىئولوگىيە
گېنېتىكىنىڭ توپىنىڭ ئىرسىيەت تەركىبىنى تەتقىق قىلىدىغان تارمىقى. ئۇ ئاساسەن، ماتېماتىكا ۋە ستاتىستىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مېندېل ئىرسىيىتى ۋە مېندېل توپى (بىر توپتىكى ئۆز ئارا كۆپىيەلەيدىغان يەككە تەنلەر) دىكى گېنلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرى، گېن تەكرارلىقى، تەبىئىي توپتىكى گېننىڭ تەكرارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تاللاش رولى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ؛ ماتېماتىكىلىق مودېل تۇرغۇزۇپ توساتتىن ئۆزگىرىش، كۆچۈش، شالغۇت ئەۋەزەللىكى، تۈرنىڭ مۇقىملىشىشى، پۇرسەت فاكتورى قاتارلىق ئامىللارنىڭ گېن تەكرارلىقىنى ئۆزگەرتىشى ۋە تەدرىجىي تەرەققىياتتىكى رولىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.