Uyghur主要词典
تۈركۈم فىزىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان تۈركۈم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى چوڭ ئېتىز زىرائەتلىرىنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىر پارچە ئېتىزنى بىر ئورگانىزم دەپ قاراپ (يەنى چوڭ ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ئورگانىزم دەپ قاراپ) ئۇنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن تاشقى مۇھىت ئامىلى (مەسىلەن، يورۇقلۇق، تېمپېراتۇرا، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىكى ئوغۇت) قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تۈركۈمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىزگىنلەپ ۋە قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى مەھسۇلاتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. تۈركۈم فىزىئولوگىيىسى تەتقىقاتى ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات ساھەسى بولۇپ، ئۇ ئۆسۈملۈكلەر ئېكولوگىيىسى ياكى ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈم ئىلمى بىلەن ئوخشىمايدۇ. كېيننكىسى تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمىنى، يەنى تەبىئىي شارائىت ئاستىدىكى (سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىلمىگەن) ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمىنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبى، ئۆزگىرىشى ۋە ئورۇن ئېلىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دائىرىسى كەڭ، تۈرى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ ئېتىزدىكى زىرائەتلەر تۈركۈمى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار. تۈركۈم فىزىئولوگىيىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيىسىنىڭ ئوخشىشىدىغان ئورۇنلىرى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا پەرقلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيىسى پەقەت ئىقلىم مۇھىتى، زىرائەتلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە رايونلارغا ئايرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، ئۇ ھەر خىل ئېتىزلار ئۈستىدە ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بارمايدۇ، ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىشلىرىنى ھەر قايسى جەھەتتىن ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلمايدۇ. تۈركۈم ئېكولوگىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىي شارائىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۈنئىي شارائىتنىڭ كۈچلۈك باشقۇرۇش توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ تېرىپ ئۆستۈرۈش مۇددىئاسى گەۋدىىك ئىپادىلىنىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمىنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبى ۋە ئورنىنى ئېلىشنىڭ ئۆزلۈكىدىن يۈز بېرىشىگە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، دانلىق زىرائەتلەر تۈركۈمىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇۋاپىق بولسا دان ئىشلەپچىقىرىشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ، يەنى باشىقى چوڭ، دېنى كۆپ، ئېغىر بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ؛ كەندىر تۈرىدىكى زىرائەتلەرنىڭ تۈپ سانى كۆپ بولۇش، ئاز شاخلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا زىرائەتلەرنىڭ تۈپ سانى كۆپ بولۇش، ئاز شاخلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئەلا سۈپەتلىك تالا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؛ ياڭيۇ تۈرىدىكلەرنىڭ تۈگۈنەك يىلتىز ۋە تۈگۈنەك غولىنىڭ ياخشى يېتىلىشىگە ئۇيغۇن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا، يەر ئاستى قىسىمىنىڭ مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ تۈزۈلۈشلەر ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، ئۆسۈملۈكنىڭ يېتىلىش، كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە تاشقى ناچار مۇھىت شارائىتى بىلەن كۈرەش قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىراق ئىنسانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئەڭ مۇۋاپىق تەلەپ. شۇڭا تۈركۈم فىزىئولوگىيىسى چوڭ ئېتىزدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى ئوبيېكتىپ قىلىپ، سۈنئىي شارائىتتا، تۈركۈم تۈزۈلۈشى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىش تاشقى شارائىتىنىڭ مۇناسىۋىتىدە كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ.