Uyghur主要词典
تۈركۈم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توپ، گۇرۇپپا.
بىرىنچى تۈركۈمدىكى بالىلارنى دادام ئۆزى باشلاپ ماڭغۇدەك.
بىر - بىرىگە، باغلىق بولغان پۈتۈنلۈكنىڭ تارمىقى، بۆلۈكى.
تىل تۈركۈمى. سۆز تۈركۈمى. تۈركۈمگە ئايرىماق.
كۆچمە. باسقۇچ، قەدەم.
شۇنداق قىلىپ، <خىزمەت تەكشۈرۈش ئەترىتى> ھۈسىيىن ئابباس ئوغلىنىڭ مەسىلىسىنى بىرىنچى تۈركۈمدە ھەل قىلدى.
<مات> كۆپ خانىلىق سانلاردا ھەر ئۈچ خانىنى بىر قىلىپ ئايرىغان بۆلەك.