Uyghur主要词典
توقۇمنى قارنىغا ئالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىزا _ ئاھانەتتىن ۋە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن قاتتىق خاپا بولماق، قارشىلىق كۆرسەتمەك.
تېرىككەننىڭ جېنىنى ئال. چېچىلغان چېچىلىدۇ. كىچىككىنە ئىشلارغا بۇنچىۋالا مۆكۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئۇ ئاسان ئىزا بولىدۇ. بەڭگى جىلە بولسا، ناسىۋال يەيدۇ، مەسىت جىلە بولسا، دەسمال يەيدۇ. تۇرسۇن ئۇ گەپنى ئاڭلاپ چىچاڭشىپ كەتتى. مانا ئەمدى ئۇ توقۇمنى قارنىغا ئالدى، چاتاق بولدى. ئۇ تازا تېرىكتى، تۆت پۇتى ئۆرە قالدى. جاپپارنىڭ جىنى تۇتتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە بىردىنلا چىدىماسلىق قىلغانلىقنى، يامىنىغا ئالغانلىقنى؛ تېرىككەنلىكنى بىلدۈرىدۇ: مەخسۇت بەگ توقۇمنى قارنىغا ئالسا، ھېسامىدىن داموللىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ گەپلەر ھېسامىدىن داموللىنىڭ ئۇۋىسىدىن چىقمىسا، نەدىن چىقسۇن؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە بىردىنلا چىدىماسلىق قىلغانلىقىنى، يامىنىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- گەپنىڭ بېشى چىقار - چىقماستىن توقۇمنى قارنىڭغا ئالغىلى تۇردۇڭمۇ! مانا ئەمسە دەپ ھەممىنى بىر ئېچىۋېتىمەن تازا!