Uyghur主要词典
توقۇملۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دۈمبىسىدە توقۇمى بار، توقۇم توقۇپ جابدۇلغان.
چاققانلىق بىلەن ئامبالنىڭ نېرىغا قاڭقىپ چۈشكەن مىلتىقنى، ئوقدانلىرىنى ئالدىم - دە، بۇ ئەتراپتا يۈگۈرۈك ئاتالغان، كۈمۈش ئېگەر - توقۇملۇق داڭلىق كۆك ئېتىنى مىنىپ، تاغ ئىچكىرىسىگە قېچىپ كىرىپ كەتتىم.
توقۇم تىكىشكە لايىق، توقۇم تىكىشكە يېتىدىغان.
ئۆيىمىزدە بىر توقۇملۇق كىگىز بار، قارا ھاڭگىغا دەرھال توقۇم تىكتۈرمىسەك، ئەمدى ياۋىداق مىنگىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.