Uyghur主要词典
توقۇماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوق پاكىتلارنى ياساپ چىقماق.
ئۇ مۇناپىق پاكىت ئويدۇرۇشقا ئۇستا، يالغان پاكىت توقۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە زىيانداشلىق قىلغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگەر - جابدۇقلارنى ئات - ئۇلاغ ئۈستىگە جايلاشتۇرماق.
ئاتنى ئېگەرلە. تەييار تۇر، دۈشمەن كەلسە، چاپتۇرۇپ ئۇر. توقۇغان ئاتنى دۈشمەن يوقىتىلمىغۇچە يەشمە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
توقۇماق؛ ئۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھەر خىل يىپ ئارقىلىق گەزلىمە ياكى پوپايكا قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملارنى تەييارلىماق.
ئېرى قوشۇمچە چەكمەن - چوتار، كاتەكچە شاتىۋار توقۇيدىغان كاسىپ ئىدى.
تال - تال چىۋىق ياكى قومۇش قاتارلىقلارنى ئۆرۈپ ياكى بىر - بىرىگە چېتىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى بۇيۇم ھالىتىگە كەلتۈرمەك.
بورا توقۇماق. زەمبىل توقۇماق. سېۋەت توقۇماق.
كۆچمە. ئېيتىپ ياكى يېزىپ، مەلۇم ئىجادىيەتكە شەكلىگە كەلتۈرمەك، تۈزمەك.
ئېيتىشىش ئادەتتە ئىختىيارىي بولىدۇ. كىم خالىسا ئورنىدىن تۇرۇپ، جۈپ تاللاپ، قوشاق توقۇيدۇ.
كۆچمە. يوق يەردىن ئويلاپ چىقارماق، ئويدۇرماق.
مەن دېمىگەن گەپلەرنى نەدىن توقۇپ چىقاردىڭ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئات - ئۇلاغقا ئېگەر - توقۇم ئارتىپ جابدۇماق.
سەمەت ئېغىلدىن قېچىردەك يوغان بىر بوز ئېشەكنى ھەم جۇغى كىچىكرەك شوخ قارا ئېشەكنى ئاچىقىپ، ئۈستىگە گۈللۈك ئۇچۇقلارنى توقۇدى.
كۆچمە. باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىمەك، ئارتماق.
ھېلىمۇ ياخشى، بارات شۇجى دادامنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ كەلگەندە ئۆيدە بولماپتىكەنمەن، بولمىسا، ماڭا توقۇيدىغان خېلى توقۇملىرىڭ بار ئىكەن - دە.