Uyghur主要词典
توق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
قورساق تويغان .ئانتونىنى: ئاچ.
توق قورساق.* قورساق توق، قايغۇ يوق ( ماقال ).* كۆز _ قارنى توق.* ئاچ بالا توق بالا بىلەن ئوينىماس ( ماقال ).* كۆز توقنىڭ ئۆزى توق ( ماقال ).* توق كېكىرەر، ئاچ ئوسۇرار ( ماقال ).* خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن كارى يوق ( ماقال ).* ئۇماچ ئىچتىم توق، ئۆرە تۇرسام يوق ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1. تولۇق، پۈتۈن.
يىلىكى توق.* دېنى توق.* مغىزى توق.* كۆڭلى توق، غېمى يوق.
2. ئاشۇرما سۈپەت. قېنىق، قويۇق، تۇم. ئانتونىمى: ئاچ. توق قىزىل* توق يېشىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
رەڭلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇلارنىڭ رەڭگىنىڭ قويۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. قېنىق قىزىل، توق يېشىل، توق سېرىق
سۇس، ئاچ
رەڭلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇلارنىڭ رەڭگىنىڭ قويۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سۇس قىزىل، ئاچ يېشىل، سۇس سېرىق
توق قىزىل قىزىقتۇرىدۇ. سۇس سېرىق كىيىم بازاردا ياخشى، ئاچ يېشىل كۈزدە. قېنىق رەڭ قېيىن ئانامغا ياقىدۇ. سۇس رەڭ ئاسان ئۆچىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يېگەن - ئىچكەنگە قانائەت قىلىدىغان، يېمەك - ئىچمەكككە ئانچە بېرىلمەيدىغان. توق ئادەم
ئاچ ، ئاچكۆز، ئاچپاقا، تويماس، نەپسى يامان
يېگەن - ئىچكەنگە قانائەت قىلمايدىغان، يېمەك - ئىچمەككە قاتتىق بېرىلگەن. ئاچ ئادەم
ئاچ بار ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس. ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس. بىرى ئاچپاقا بولغىنىدىن ئۆلىدۇ، بىرى ئاچ قالغانلىقتىن. تويماسنى تويدۇرالمىدىم، بولماسنى بولدۇرالمىدىم. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. ئايدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ. كۆزى توقنىڭ كۆڭلى توق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توق كىشى _ توق ئادەم. توق ئەر _ چېچىنى تۈركلەر قويغاندەك قويمىغان تېقىر باش ئادەم. توق يىلقى _ توقال (مۈڭگۈزسىز) ھايۋان. توق توق ئەتتى _ (تاش تاشقا ئۇرۇلغاندەك) توق - توق قىلدى. ئەر كىسسى بىرلە توق توق بولدى _ ئەر خوتۇنى بىلەن دوق قىلىشتى، يەنى تاكاللىشىپ قالدى.
1 - 433
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يېتەرلىك، تولۇق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىرلەشمەك، ئارىلاشماق، ئارىلاشتۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاش - تاماققا تويغان، ئاچ ئەمەس.
كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق (ماقال).
غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق (ماقال).
يېتەرلىك، تولۇق.
ھەر قاچان ئىككى - ئۈچ ئات ياكى ئۆكۈزۈڭ ھازىر تۇرسۇن، يەم - خەشەك، بوغۇزلىرىنى مول، توق بېرىپ باققىن.
كۆچمە. پاراۋان، باياشات.
جاپا تارتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بەخت - سائادەتلىك، توق ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا يېتىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن.
كۆچمە. خاتىرجەم، غەمسىز؛ پۈتۈن.
ئانام ھايات ۋاقتىدا كۆڭلۈم توق، يۈرىكىم پۈتۈن ئىدى.
مېغىزى، دان ئېلىشى يېتەرلىك، تولۇق، ئالا ئەمەس.
يىلتىزى چىرىشكە باشلىغان بۇغدايلار كۆپىنچە توق دان ئالالمايدۇ.
قېنىق، قويۇق (رەڭ، تۈس ھەققىدە).
شۇنچە توق، شۇنچە رەڭگارەڭ ئېچىلغان تاغ گۈللىرىنى كۈز ئېيىنىڭ ئۈششۈكى سولاشتۇرغانىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قورسىقى توق؛ تولغان، يېتىشكەن.