Uyghur主要词典
توپلاپ تەكرارلاش ۋە ۋاقىت ئارىلاپ تەكرارلاش
پسىخولوگىيە
مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇدا، ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملىق تەكرارلاش توپلاپ تەكرارلا دېيىلىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىن بىر قانچە قېتىمغا بۆلۈپ تەكرارلاش تارقاق تەكرارلاش ياكى ۋاقىت ئارىلاپ تەكرارلاش دېيىلىدۇ، بۇنىڭدا پۈتۈن تەكرارلاش مەزگىلىدە مەلۇم ۋاقىت تەكرارلاش توختىتىلىپ كېيىن يەنە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. تەجرىبىلەرنىڭ ئىسپاتلىشچە، ۋاقىت ئارىلاپ تەكرارلاش تولاپ تەكرارلاشتىن ئەۋزەل، توپلاپ تەكرارلاش، بولۇپمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن ماتېرىيالنى تەكرارلاشتا ئۇزۇنغىچە بىرلا خىل غىدىقلاش تەسىرىدىن ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىش سۇسلىشىدۇ، يەنە مېڭىنىڭ چارچىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىش سەۋىيسىنى پەسەيتىدۇ، شۇڭا تەكرارلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ، ئەكسىچە، ۋاقىت ئارىلاپ تەكرارلىغاندا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ساقلىنىدۇ، بەلكى ئاشىدۇ؛ چوڭ مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىملىق تەكرارلاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.