Uyghur主要词典
توپ نىكاھ جەمەتى
دۇنيا تارىخى
قانداشلىق نىكاھ جەمەتىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن نىكاھ، جەمەت شەكلى. نادانلىقنىڭ يۇقىرى باسقۇچى (ئوتتۇرا تاش قورال دەۋرى) دە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ قالدۇق تەسىرى ئۇزاق ساقلانغان. مۇئەييەن جەمەت دائىرىسىدىكى ئورتاق ئەر ۋە ئورتاق خوتۇن ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن خوتۇننىڭ ئاكا - ئۇكىلىرى (دەسلەپتە بىۋاسىتە تۇغاقانلىرى، كېيىن بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكىلىرى) ھەم ئەرنىڭ ئاچا - سىڭىللىرى بۇنىڭ سىرتىدا بولغان، يەنى ئاكا - ئۇكىلار ۋە ئاچا - سىڭىللار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتى خالاس قىلىنغان. جەزمەن جەمەت سىرتىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا توغرا كەلگەچكە، يەنە جەمەت سىرتىدىن نىكاھلىنىش دەپمۇ ئاتالغان ھەمدە مۇناسىپ تولاننىيىچە ۋە كانۆۋەننىيىچە تۇغقانچىلىق تۈزۈمى ئورنىتىلغان. توپ نىكاھ باسقۇچى دۇنيادىكى ھەممە مىلەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى بولغان. قەدىمكى زاماندىكى توپ نىكاھ مىسالىغا كەلسەك، نۇرغۇن ئىشەنچىلىك ھۆججەت ـ ماتېرىياللار بار، يېقىنقى زاماندىكى ئاز ساندىكى ئارقىدا قالغان قەبىلىلەردە توپ نىكاھ ھازىرغا قەدەر ساقلانماقتا. ئامېرىكا ئېتنولوگى مورگان گاۋايلارنىڭ پۇنالۇئان نىكاھىنى توپ نىكاھنىڭ تىپىك شەكلى قىلغان، بۇنىڭدا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بىر قانچە ئاچا ـ سىڭىللار ياكى شىرەم تۇغقانلاردىن بولغان ئاچا ـ سىڭلىللار ئۆزلىرىنىڭ بىر قانچە ئورتاق ئەرلىرىنىڭ ئورتاق خوتۇنلىرى بولغان. لېكىن بۇ ئورتاق ئەرلەر ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاكا ـ ئۇكىلىرى چىقىرىۋېتىلگەن، بۇ ئەرلەر ئۆزئارا بىر ـ بىرىنى <پۇنالوئان> (يېقىن شېرىكلىرىم دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتاشقان. ئوخشاشلا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بىر قانچە ئاچا - سىڭىللار ياكى شرەم تۇغقانلاردىن بولغان ئاچاسىڭىللار ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە ئورتاق ئەرلىرىنىڭ ئورتاق خوتۇنلىرى بولغان. لېكىن بۇ ئورتاق ئەرلەر ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاكا - ئۇكىلىرى چىقىرىۋېتىلگەن، بۇ ئەرلەر ئۆزئارا بىر - بىرىنى <يۇناۇئان> (يېقىن شېرىكلىرىم دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتاشقان. ئوخشاشلا بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكىلار ياكى بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكىلار ئۆز - سىڭىللىرىىن باشقا بىر قانچە قىز بىلەن توي قىلىشقا. بۇ قىزلارمۇ بىر - بىرىنى <يۇنالۇئان> دەپ ئاتاشقان. كېيىنچىرەك بەزى ئالىمالا مورگاننىڭ بۇ تلىماتىغا باشقىچە قاراپ،19- ئەسىردىن ئىلگىرىكى گاۋايلار ياشىغان جەمئىيەت باسقۇچى نادانىق دەۋرىدىن يۇقىرى بولغان، پۇنالۇئان نىكاھى توپ نىكاھنىڭ تىپىك مىسلى ئەمەس، بەلكى ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىقى دەۋرىدىكى توپ نىكاھنىڭ قالدۇقى دەپ ھېسابلىغان. ئومۇمەن: توپ نىكاھ جەمەتى قانداشلىق نىكاھ جەمەتىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۇرۇقنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا ئائىلە شەكلى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.