Uyghur主要词典
تېننېسسى دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى
领域: دۇنيا تارىخىئىنگلىزچە قىسقارتمىسى T V A . ئامېرىكىنىڭ <يېڭى سىياسەت> مەزگىلىدە، ھۆكۈمەتنىڭ زور تۈركۈمدىكى ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىد تەسىس قىلغان تېننېسسى دەرياسىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى. 1933-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان. باشقۇرۇش ئىدارىسى توسما ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ، تېننېسسى ۋادىسىدىكى تېننېسسى، شىمالىي كارولىنا، گىنتوككى، ۋىرگىنىيە، مىسسىسىپى، گېئورگىيە ۋە ئالابامادىن ئىبارەت يەتتە شتاتنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاممىياك ئوغۇتى ۋە پارتلاتقۇچ دورا ئىشلەش چىقىرىش ۋە ئۇلارنى تەقسىملەش، سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1944-يىلى 9-ئايغىچە دەريا ياقىلىرىدا غول توسما ۋە كۆپلىگەن باشقا قۇرۇلۇشلار پۈتۈن، ھەربىي لازىمەتلىكلەر سانائىتى، ئاليۇمىنچىلىق سانائىتى ۋە ئوك رىج ئاتوم بومبا زاۋۇتىنى كېرەكلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىگەن. 3 مىليون ئاكر (بىر ئاكر = 4046.87 كۋادىرات مېتىر = 6.07 موت) ئېتىزلىق سۇ ئاپىتىدىن خالاس قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سەۋىيىسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن، پۈتكۈل ۋادا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 9 ھەسسە ئاشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。