Uyghur主要词典
تېنىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۆنىلىشنى، يولنى يوقىتىپ قويماق، نىشاننى بىلمەي قالماق.
ئادەم ئازىدۇ. يولدىن ئازساڭمۇ، يۇرتتىن ئازما. ئات ئازسا، تايغا ئەگىشەر. ئاداشقاننى ئارقىسىدىكى بىلەر، يېڭىلگەننى يېنىدىكىسى. ئىككى قېتىم يول سوراش بىر قېتىم ئاداشقاندىن ئەلا. بۈگۈن يولدىن تېنىگۈجە، ئاخشام خەقتىن سورىساڭچۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بارار جايى يوق، تەمتىرەپ، بېشى قېتىپ يۈرمەك؛ سەرسان، سەرگەردان بولماق.
بۈۋى ھەجەرنىڭ بۇ ئەپتىدىن، ئۇزۇندىن بېرى كوچىلاردا تېنەپ يۈرگەن بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.
ئېزىپ قالماق، يولدىن ئاداشماق.
ئاتلىق كىشى ئۆزىنىڭ تېنەپ قالغانلىقىغا ئىشەندى ۋە دەررۇ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتتى.