Uyghur主要词典
تېنمىيو قەھەتچىلىكى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ تېنمىيو يىللىرى (1781 - 1788) دىكى ئۇدا بىر نەچچە يىل ئاپەت يۈز بېرىش ۋەقەسى. تېنمىيونىڭ 2-يىلىدىن 6-يىلغىچە (1782 - 1786) ھونشونىڭ شىمالىي قىسمى، كانتو، سىكوكو، كىيوسىيۇ، خوككايدۇ ئارالىرى قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەمدە ئاپەت قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن. تىسۇگارۇ ۋاسساللىقىدا 200 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن. كانتودا ۋابا كېسىلى تارقالغان. دېھقانلار ئۆز يېزىلىرىدىن قېچىپ، سەرسان بولغان، شەھەردىىك نامراتلارنىڭمۇ تۇرمۇشى قىيىن بولغان. ئېدو، ئوساكالاردىن باشلاپ ھەر قايسى جايلاردا گۈرۈچ سودىگەرلىرىگە، گۆرۈخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، دېھقانلار توپىلىڭى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. شوگنات ۋە ھەر قايسى ۋاسسالىقلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغان.